كىم جوڭئۇننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر توغرىلاندى

26-مارت خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا دىققەت قوزغىغان ۋە ئىچىدىن چۈشكەن كىشىلەرنىڭ پىرېزىدېنت دەرىجىلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن ئېلىپ مېڭىلغان يېشىل-سېرىق سىزىقلىق پويىزنىڭ سىرى رەسمىي ئاشكارىلاندى.

939073
كىم جوڭئۇننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر توغرىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دادىسى كىم جوڭئىل 2011-يىلى ماي ئېيىدا ئۆلگەندىن كېيىن رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرغان شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ خىتايغا بارغانلىقى، دەسلەپتە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىندى، بىراق تۈنۈگۈن (27-مارت) مەزكۇر خەۋەر توغرىلاندى. بۇنىڭ بىلەن، كىم جوڭئۇن تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنى خىتايدىن باشلىغان ۋە تۇنجى قېتىم بىر چەت ئەل رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولدى.

كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشقان مەزكۇر خىتاي زىيارىتىدە، «يادروسىزلىنىشقا بولغان ۋەدىسى» نى تەكرارلىدى. كىم جوڭئۇن مۇنداق دېدى:

«جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا تىرىشچانلىقىمىزغا ياخشى نىيەت بىلەن قاراپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ھاۋاسى يارىتىپ، تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەدبىرلەرنى ئالسا، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادروسىزلىنىش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.»

ئۇ ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكرارلىدى ھەمدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى شىمالىي كورېيەگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، كىم جوڭئۇننىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە تىنچلىق ئۈچۈن تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى» قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر