گېرمانىيە سۈرىيەدىن قايتقان پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىشىدىن خەۋپسىرەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىغا كىرىشىدىن كېيىن، سۈرىيەدىن گېرمانىيەگە قايتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ گېرمان ئەمەلدارلارنى ئەندىشىگە سالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

939393
گېرمانىيە سۈرىيەدىن قايتقان پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىشىدىن خەۋپسىرەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسىنىڭ تىراژى يۇقىرى گېزىتلىرىدىن «Express» نىڭ ئاكسېل سپىلكېر ئىمزالىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى، سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلدۇرۇش ئۈچۈن 300 كىشى توپلىغان بولۇپ، تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىنغا كىرگەندىن كېيىن ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن 125 ى گېرمانىيەگە قايتقان.

تۈركىيە ئارمىيەسى قوراللىرى ئىچىدە گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن «گ3 پىيادىلەر مىلتىقى» بىلەن «لېئوپارد 2» ناملىق تانكائاتارلارنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ ھۇجۇم پەيدا قىلشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىق قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە گېرمانىيەدىكى تۈركلەرگە تەۋە جايلارغا ۋە دىنىي جامائەتلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ھالدا، «20 – يانۋاردا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت (زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى) تىن بۇيان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى 60 تۈرك ئىش ئورنى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن مەزكۇر خەۋەردە، پەقەت كۆلن ۋە لېۋېركۇسېندە 6 جامەنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە يەنە، دۈسسېلدورف ئايرودۇرۇمىغا ئوخشاش بەزى جايلاردا رۇخسەتسىز نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇ نامايىشلار جەرياندا ۋەقە چىققانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر