سىنجارنىڭ پ ك ك چېكىنگەن رايونلىرىغا ئىراق ئارمىيەسى ئورۇنلاشتى
ئىراق ئارمىيەسنىڭ مۇسۇلمان سىنجار ناھىيەسىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك چېكىنىپ چىققان رايونلارغا ئورۇنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
937342

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى يەھيا رەسۇل، 15 – بىرىگاداغا قاراشلىق قىسىملارنىڭ سىنجار ناھىيەسى ۋە سىنۇن بازىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن رايونغا ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
يەھيا رەسۇل، ئارمىيەنىڭ سىنجارنىڭ پ ك ك چېكىنگەن جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى 2014 – يىلى 3 – ئاۋغۇستتا دائېشنىڭ سىنجاردىكى ئەزىدىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى باھانە قىلىپ، رايوندا پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى.