پولشادا رۇسىيەنىڭ بىر جاسۇسى نازارەتكە ئېلىندى

گۇماندارنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە پولشا تاشلىماقچى بولغان قەدەملەر ھەققىدە رۇسىيە ئىستىخباراتىغا مەلۇمات يەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

938003
پولشادا رۇسىيەنىڭ بىر جاسۇسى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشادا بىر كىشى رۇسىيەگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەتكە ئېلىندى.

پولشا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرلىشىچە، پولشا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسى «ABW»، ياۋروپا ئىتىتىپاقىنىڭ باشقا ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش نەتىجىسىدە، پولشا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدا ئىشلەۋاتقان مارېك. دابلىيو ئىسىملىق بىر كىشىنى رۇسىيەگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نازارەتكە ئالغان.

مارېك. دابلىيونىڭ پولشا ئېنېرگىيە تورىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مەنبەلەرنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گۇماندارنىڭ رۇسىيەدىن ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش پىلانلانغان شىمالي ئېقىم 2تەبىئىي گاز تۇرۇببا لېنىيەسى لايىھەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار پولشانىڭ تاشلىشى پىلانغان قەدەملەرگە دائىر رۇسىيە ئىستىخباراتىغا مەلۇمات يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر