گېرمانىيەدە بىر كۈندە 3 جامەگە ھۇجۇم قىلىندى

گېرمانىيەدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ، 40 تىن ئارتۇق جامەنىڭ قانچىلىغان قېتىم، ھەر خىل ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

937450
گېرمانىيەدە بىر كۈندە 3 جامەگە ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ھېرنە ۋە ئامبېرگ شەھەرلىرىدە ئىرقىي ئايرىمچىلار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى 2 جامەنىڭ تېمىغا ئېرقىي كەمسىتىش ۋە تەھدىت خاراكتېلىق سۆزلەرنى يېزىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.

شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسىنىڭ ھېرنە شەھىرىدە دىنىي ئىشلىرى، تۈرك ئىسلام بىرلىكى جەمئىيىتىگە قاراشلىق ۋاننە ئىكېل ھاجى بايرام جامەسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا كېچىدە بېسىپ كەلگەن كىشلەر «چەت ئەللىكلەر چىقىپ كەتسۇن، ياشىسۇن گىتلېر!» دېگەن شوئارلارنى يېزىش بىلەن بىرگە كىرىست ئىشارىتى سېزىپ قويۇشتى.

باۋيېرا ئۆلكىسىنىڭ ئامبېرگ شەھىرىدىكى دىنىي ئىشلىرى، تۈرك ئىسلام بىرلىكى جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇلۇ جامەنىڭ تېمىغىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى سىياسىي شوئارلارنى يېزىپ قويۇشتى.

ئالدىنقى كۈنى كەچتە يەنە، كاسسېل شەھىرىدىكى يۈنۈس ئەمرە جامەسىگە مولۇتوف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئېتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

گېرمانىيەدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ، 40 تىن ئارتۇق جامەنىڭ ھەر خىل ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقى رۇيخەتكە قىلىندى.

رۇيخەتكە ئېلىنمىغان ھۇجۇملارنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر