گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئافغانىستانغا يېتىپ باردى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋون دېر لېيېن گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ۋەزىپىگە تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

937628
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئافغانىستانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋون دېر لېيېن ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلىخ ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) بازىسىدا گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلدى.

لېيېن مازارى شەرىپ شەھىرىدىكى بازىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا، بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ۋەزىپىگە تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستانغا يېڭى ئەۋەتىلگەن گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارغا مەسلىھەتچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لېيېن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسلىسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋون دېر لېيىن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋون دېر لېيېننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، ئافغانىستانلىق مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشىدىغان ياكى كۆرۈشمەيدىغانلىقى تېخىچە نامەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر