تەل فىرات خەلقى «ئازادلىق»ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى

ئافرىن رايونىنىڭ ئازاد قىلىنىشىدىن خوشال بولغان تەل فىرات خەلقى يۇرتىنىڭ تېررورچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەھەر مەيدانىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

936893
تەل فىرات خەلقى «ئازادلىق»ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى
tel rıfat 2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىن رايونىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د – پ ك ك دىن تازىلىنىشىدىن خوشال بولغان تەل فىرات خەلقى، تەل فىرات  شەھىرىنىڭمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چاڭگىلىدىن بۇرۇنراق ئازاد قىلىنىش ئارزۇسى بىلەن شەھەر مەيدانىغا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

تەل فىرات خەلقىنىڭ شەھەر مەيدانىغا يىغىلىپ يۇرتىنىڭ پ ك ك- پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈشى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەرىپىدىن كۆرۈنۈشكە ئېلىندى.

يۈزلەرچە ئىنسان قاتناشقان نامايىشتا تۈركىيە بايرىقىمۇ لەپىلدىدى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ كۆرۈنۈشنى تۈركىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا «يۇرتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان تەل فىرات خەلقى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى»دېگەن جۈملە بىلەن تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر