كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 29 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

934422
كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ۋەقەدە 29 ئادەم قازا قىلغان، 52 ئادەم يارىلانغان.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بەدىنىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچنى كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدا پارتلاتقان.

كابۇل ساقچى ئىدارىسى باشلىقى داۋۇد ئەمىن پىيادە كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن بىخەتەر ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى بوشلۇق ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر