گوللاندىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە توغرىسىدا توختالدى

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا 2016 – يىلى مارت ئېيىدا ئىمزالانغان مۇساپىرلار كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

934308
گوللاندىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن رۇتتې، «توغرىسىنى ئېيتىشقا توغرا كەلسە، تۈركىيەنى تۈزۈلگەن مۇساپىرلار كېلىشىمىگە ئىنتايىن كۈچلۈك رىئايە قىلدى، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە، ئەنسىرەشكە تېگىشلىك بىر ئەھۋال بولسا، ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەمەس، گىرېتسىيەنىڭ كېلىشىمنى قانداق ئىجرا قىلغانلىقىغا قاراش لازىم. ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، ئاساسلىقى گىرېتسىيە يولغا قويغان مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ ئەھۋال گىرېتسىيە ئاراللىرىدا مەسىلە پەيدا قىلماقتا» دېدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئەزالىرىنىڭ قىزغىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن رۇتتې، «كۆپىنچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئەسلىدە بىز ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇرۇش توختىتىش بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر