گېرمانىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئىش-تاشلاش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈلدى.

934222
گېرمانىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئىش-تاشلاش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان 35 مىڭدەك ئىشچى-خىزمەتچى تۈنۈگۈن نۇرغۇن ئۆلكىدە ئىش تاشلىدى.

دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋېردى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇزاكىرىلەردە كارخانا خوجايىنلىرىغا بېسىمنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىدىغانلىقى ۋە مەملىكەت مىقىياسىدا تۈنۈگۈن تەخمىەن 35 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تۈنۈگۈن شىمالىي رېن-ۋېستپالىيا ئۆلكىسىدىن باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا دورتمۇند، بوچۇم، ئېسسېن، ۋۇپپېرتال ۋە دۇيسبۇرگ شەھەرلىرىدە بولۇپمۇ ئاممىۋى قاتناش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بىر كۈن ئىش تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەسلىلەردە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرىدە، ئىش تېپىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلار بىلەن تازىلىق ئىشچىلىرىمۇ بەزى ئۆلكىلەردىكى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە يېقىندىن ئاۋاز قوشقان بولسا، شىمالىي رېن-ۋېستپالىيا ئۆلكىسىدىن سىرت سچلېسۋىگ ھولستېيىن، مېكلېنبۇرگ-ۋورپوممېرن، بادېن ۋۇرتتېمبېرگ ۋە باۋيېرا ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بايان قىلىندى.

ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا قاراشلىرىغا ئورۇن ئاجرىتىلغان ۋېردى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقى فىرانك بىسىرسكې، كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ بۇرۇنقى يىغىنلاردا تەكلىپ-پىكىر بەرمەي مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا كۈچ چىقارمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا باج كىرىمىنىڭمۇ ئاشقانلىقىنى ئېيتقان فىرانك بىسىرسكې، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەققى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋېردى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى 2 مىليون 300 مىڭ ئەزاسىنىڭ مائاشىنىڭ ئەڭ ئاز 200 ياۋرو ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

كارخانا مەسئۇللىرى بولسا بۇ تەلەپنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قوبۇل قىلماي كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر