بىر يەھۇدىي پەلەستىن داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 4800 كېلومېتىر يولنى پىيادە يۈرمەكتە

بېنجامىن لادرا ئىسىملىق بىر يەھۇدىي ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پەلەستىن داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 4800 كېلومېتىر يولنى پىيادە يۈرمەكتە.

934014
بىر يەھۇدىي پەلەستىن داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 4800 كېلومېتىر يولنى پىيادە يۈرمەكتە

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېگى يەھۇدىي ئۆزى شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بېنجامىن لادرا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىن پەلەستىنگە پىيادە مېڭىش پائالىيىتىنى باشلاپ، 7 ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.

لادرا شىۋېتسىيەنىڭ گۈتبورگ شەھىرىدىن 2017يىلى 15 ئاۋغۇست كۈنى يولغا چىققان بولۇپ، گېرمانىيە، ئاۋستېرىيە، سىلوۋېنىيە، كرودىيە ۋە گېرىتسىيەلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن تۈركيەگە يېتىپ كەلدى.

لادرا يول بويىچە بارغانلا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە پەلەستىن داۋاسىنى ئاڭلاتتى. بەزى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىلارغا قاتناشتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرى ئارقىلىق ئۆز سەپىرى ھەققىدە مەلۇماتلارنى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

لادرا ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، بۇ قېيىن سەپەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاتلانغانلىقىنى، پەلەستىن داۋاسىغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىن يول يۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ۋە 7 ئايدا ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

قىزىل كىرىست جەمئىيىتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، بۇ داۋانى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 4800 كېلومېتىر يول يۈرۈشكە كۆكرەك كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن لادرا، «قېيىن بىر سەپەر ئىدى. بىخەتەرلىك مەسلىلىرى كۆرۈلۈپ تۇردى. ئىستانبۇلغا يۈرۈشتە ئىككى پەلەستىنلىك دوستۇم ھەمراھ بولدى. يېنىمدا پەلەستىن بايرىقى بار. بەزىلەر قىزىقىپ سورايدۇ. داۋانى ئاڭلاتقان ۋاقتىمدا بەزىدە ياخشى، بەزىدە يامان ئىنكاسلارغا ئۇچراپمۇ تۇردۇم» دېدى.

لادرا ئەمدىلىكتە ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يۈرىدىغانلىقىنى، ئاندىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن پاراخوت ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ خايفا پورتىغا يېتىپ بېرىشنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لادرا شىۋېتسىيەدىن باشلىغان سەپىرىنى ساق بىر يىلدا تاماملاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر