ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە – ئەنگلىيە جاسۇس كىرىزىسى ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئاچتى

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئەنگلىيەدە نىرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گازنى ئىشلىتىشكە رۇسىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

930167
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە – ئەنگلىيە جاسۇس كىرىزىسى ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ زەھەرلىنىشىگە ئالاقىدار جىددىي يىغىنغا چاقىرغان بولۈپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنى، سۇيىقەست قىلىش ۋە قانۇنسىز كۈچ ئىشلىتىپ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

رۇسىيە ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئەنگلىيەنى ئورتاق تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىشقا چاقىرىق قىلدى.

ب د ت خەۋپسىلىك كېڭىشى سىكرىپال بىلەن قىزى يولىيانىڭ زەھەرلىنىشىگە ئالاقىدار ئەنگلىيەنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن جىددىي يىغىن چاقىرغان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جوناتان ئاللېن رۇسىيەنى سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىياغا سۇيىقەست قىلىش ۋە قانۇنسىز كۈچ ئىشلىتىپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلدى.

رۇسىيەنىڭ دۆلەت يارىدىمى بىلەن سۇيىقەت قىلىش، باشقا دۆلەتلەرگە مۇداخىلە قىلىش، پۇقرالارنىڭ ھاياتلىرىغا پىسەنت قىلماسلىق قاتارلىق ئۆتمۈشى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئاللېن، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىمۇ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىۋاتقان ھۆكۈمەتنى قانچىلىغان قېتىم قوللاپ، قوغدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاللېن رۇسىيەنىڭ بۇ خىل پەرۋاسىزلارچە ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەنگىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېيمۇ ئەنگلىيەدە نىرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گازنى ئىشلىتىشكە رۇسىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ رەھىمسىزلەرچە بىر جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالېي «رۇسىيە قىلمىشلىرىغا جاۋابكار بولۇشى لازىم» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزا بولسا، سىكرىپال ۋە قىزىنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ قولى بارلىقىنى رەت قىلىدى.

ۋاسسىلىي نېبېنزا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەينىڭ ب د ت باش كاتىپى ئانتونو گۇتتېررېسقا يوللىغان مەكتۇبى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئېلان قىلىنغان باياناتلارنىڭ رۇسىيەگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىز ۋە تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاسسىلىي نېبېنزا «ئەنگلىيە باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن ئىلگىرى ئۆز دۆلىتىدە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى لازىم. چۈنكى قائىدىلىك ئىنسانلار شۇنداق قىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتىمىز يوق. بىز ئورتاق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەييارمىز. ھېچ نەرسىدىن قورقمايمىز ۋە يوشۇرغان ھېچقانداق ئىشىمىزمۇ يوق» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر