پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا چاقىرىلغان غەززە يىغىنىنى بايقۇت قىلدى

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئاق سارايدا چاقىرىلغان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئەللەر قاتناشقان «غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىس» ناملىق يىغىننى بايقۇت قىلدى.

929367
پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا چاقىرىلغان غەززە يىغىنىنى بايقۇت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئاق سارايدا چاقىرىلغان يىغىنغا، ئىسرائىلىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 19 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان. ئەمما پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىننى بايقۇت قىلغان ھەمدە غەززەگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرگە قاتناشمىغان.

ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كاشنېۋ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان ۋە كاشنېرنىڭ خەلقئارالىق مۇزاكىرىلەر ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جېيسېن گرىنبلېت ھەسسە قوشقان مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ بولمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىننى بايقۇت قىلىشى توغرىلىقمۇ ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلمىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كاشنېر ئىشتىراكچى دۆلەتلەرگە ئىككى سائەتلىك دوكلات سۇنغان، ئارقىدىن بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان يىغىنغا بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى ئامېرىكا دائىرىلىرى  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتلىرىدا، يىغىننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا «بىۋاسىتە سۆھبەت» نى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ترامپ 2017 – يىلى 6 – دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ ماي ئېيىدا قۇددۇسقا يۆتكىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: «ماي ئېيىدا ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇستا ئېچىلىشىنى پىلانلاۋاتىمىز. باش ئەلچىخانىنىڭ ئېچىلىشى، ئىسرائىلىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ.»

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ۋاشىنگتوننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك رولىنى يوقاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر