يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى

ئىراندىن ئىراقنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىگە «يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى» نىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلمىشلىرى سادىر قىلىنماقتا.

928838
يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دىيالا ۋىلايىتى مەجلىس باشلىقى ئەلى دايىنى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىران – ئىراق چېگرا رايونىدا «يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى» نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلمىشلىرىنىڭ سادىر قىلىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

چېگرا رايونىدا ئىشلىتىلىدىغان «يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى» نىڭ ئوتتۇرىچە 250 گىرام زەھەر توشۇيالايدىغانلىىنى، بۇ ئۇسۇلنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ يېڭى تاكتىكىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان دايىنى، يېقىندىن بۇيان ئىراندىن ئىراققا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن چېگرا لىنىيەلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراق – ئىران چېگرا رايونىغا جايلاشقان دىيالا ۋىلايىتى ئىراننىڭ غەربىدىكى ئىلام ۋە كىرمانشاھ ۋىلايەتلىرى بىلەن قوشنا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر