ئامېرىكا ب د ت غا سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك«كۈچلۈك»ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لايىھەسى تاپشۇردى

ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيەدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لايىھەسى تاپشۇردى.

928262
ئامېرىكا ب د ت غا  سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك«كۈچلۈك»ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لايىھەسى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيەدە دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان ۋە قانۇنىي كۈچى بولغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لايىھەسى تاپشۇردى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 24-فېۋرالدا سۈرىيەدە 30 كۈنلۈك ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان 2401-نومۇرلۇق قارارنامە قوبۇل قىلىنىپ 2 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، كېڭەشكە مەزكۇر قارارنامەنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرۇلۇق دوكلات بەردى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي سۈرىيەدە ئىجرا قىلىنمىغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش قارارنامىسى مۇزكىرە قىلىنغان يىغىندا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنى سۈرىيەدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش قارارنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

بىگۇناھ بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالېي: ئوق چىقىرىشنى توختىتىش قارارنامىسى ئىجرا قىلىنمىدى، ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن باھانىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، بىز قانۇنىي كۈچى بولغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقتۇق، دېدى.

ھالېي سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بالىلار ئۆلۈۋاتسا بىز ھەرىكەتكە ئۆتمەي جىم تۇرۇۋالساق ئۇنداقتا بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىمىز؟ بومبىلاردىن قېچىش ئۈچۈن يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ نەچچە ھەپتە كۈن كۆرمىگەن ئائىلىلەرنى قۇتقۇزالمىساق ئۇنداقتا بىز نېمە ئىشقا يارايمىز ؟ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەقىقەتەن باشقىلار تەنقىد قىلغاندەكلا پاسسىپ ئورگاندۇر.»

ئەسەد ھاكىمىيىتىنى خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ھالېي: ئامېرىكا زۆرۈر تېپىلسا ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، لېكىن بىز بۇ يولنى تاللاشنى خالىمايمىز، بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويغانىدۇق، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن خالىساق دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز، دېدى.

ئامېرىكا بۇلتۇر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلىتىشىگە قارىتا ئەسەدكە تەۋە بىر ھەربىي بازىزىنى بومباردىمان قىلغانىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جوناتھان ئەللىنمۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان كۈندىن بۇيان 99ى بالا، 79 ئايال بولۇپ جەمئىي 607 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس 24-فېۋرالدا قوبۇل قىلىنغان ب د ت خەۋپسىزلىك قارارنامىنىڭ ئەكسىچە، سۈرىيەدە بومباردىمان ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئوق چىقىرىشنى توختىتىش قارارنامىسىنىڭ ھېچقاچان ئىجرا قىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت مۇدىرى لىيۇس چاربوننۇس، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدە قەتلىئام ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قورال ئېمبارگوسى قويۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر