تىللېرسون: ترامپنىڭ كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى تاشلىنىشى زۆرۈر قەدەملەر بار

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى تاشلىنىشى كېرەك بولغان بەزى قەدەملەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

928525
تىللېرسون: ترامپنىڭ كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى تاشلىنىشى زۆرۈر قەدەملەر بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، ئافرىقا زىيارىتى دائىرىسىدە يېتىپ بارغان نىگېرىيەدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شىمالىي كورېيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىدىغان يەر ۋە ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنىغا دائىر تاشلىنىدىغان بەزى  قەدەملەر توغرىسىدا كېلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شىمالىي كورېيەنىڭ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى قەيت قىلغان رېكس تىللېرسون، «شىمالىي كورېيەدىن بىۋاسىتە جاۋاب تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئالاقە ئورنىتىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى چۇڭ ئېئۇئى يوڭ، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ كېچىككەندىمۇ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇچرىشىىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر