دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەمەنگە 55 توننا تېببىي ياردەم يوللىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە ساھەسىدە ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يەمەنگە يوللىغان 55 توننىلىق تېببىي ياردىمى پايتەخت سانا (سەنئا) غا يېتىپ باردى.

928550
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەمەنگە 55 توننا تېببىي ياردەم يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارغا قاراشلىق سەبە خەۋەر ئاگېنتلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەم ئەشيالىرى بېسىلغان يۈك ئايروپىلانىنىڭ سەنئا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تېببىي ياردەم ئەشيالىرى نۇقتىلىق تېببىي ئەسلىھەلەر، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى، قان ۋە باشقا تېببىي ياردەم ئەشيالىرىدىن ئىبارەت ئىكەن.

3 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھىمايىسىدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەن، خولېرا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن سىرت سەھىيە ساھەسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر