ئىتالىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىتالىيەنىڭ فىلورانسا ۋە ناپولى شەھەرلىرىدە 10مىڭدەك سېنېگاللىق ئىرقچىلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

926908
ئىتالىيەدە ئىرقچىلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ فىلورانسا ۋە ناپولى شەھەرلىرىدە 10مىڭدەك سېنېگاللىق يۇرتتىشى ئىدنىي دېئىننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ «ئىرقچىلىق ۋە فاشىزىمغا قارشى»نامى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

فىلورانسا ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا ياشايدىغان 10 مىڭ سېنېگاللىق سانتا مارىيا نوۋېللا مەيدانىغا يىغىلدى.

نامايىشچىلار مەيداندىن ئىدنىي دېئىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋېسپۇككى كۆۋرۈكىگىچە ماڭدى.

 ئىدنىي دېئىن ئۆلتۈرۈلگەن يەردە دۇئا قىلغان نامايىشچىلار «ئىرقچىلىققا خاتىمە بېرىڭلار، ئىرقچىلىق ۋە فاشىزىم بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر»دەپ شوئار توۋلاشتى.

ئىدنىي دېئىن دۈشەنبە كۈنى بىر ئىتالىيەلىكنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر