ترامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن راست كۆرۈشەمدۇ؟

ترامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىش توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى

926946
ترامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن راست كۆرۈشەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىش توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە يازغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدىغان جاي ۋە ۋاقىتنى يېقىندا بېكىتىمىز.»

ترامپ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغىمۇ پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مۇتەخەسىسلەر ترامپنىڭ كىم جۇڭئۇننى ۋاشىنگىتونغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، لېكىن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان چەت ئەلگە چىقىپ باقمىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا بۇ ئەھۋالنىڭ ئىشقا ئېشىش ئېھتىمالى ئاساسەن يوق.

بۇ يىل مايدا ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان كۆرۈشۈش شىمالىي كورېيەدە ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەگە بارغان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر