گوللاندىيەدە ئىرقچىلار جامە سېلىش پىلانلانغان جايغا كرېست سانجىپ قويدى

گوللاندىيەنىڭ ئېسنچېدې شەھىرىدە پېگىدا ئەزالىرى جامە سېلىش پىلانلانغان جايغا كرېست سانجىپ قويۇشتى.

926909
گوللاندىيەدە ئىرقچىلار جامە سېلىش پىلانلانغان جايغا كرېست سانجىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ ئېسنچېدې شەھىرىدە ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى بولغان پېگىدا ئەزالىرى جامە سېلىش پىلانلانغان جايغا 23 تال كرېست سانجىپ قويدى.

پېگىدا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، بىر تۈركۈم پېگىدا ئەزاسى جامە سېلىش پىلانلانغان جايغا كرېست سانجىپ بۇ  يەرگە مازارلىق تۈسى بېرىشكەن.

پېگىدا ئەزالىرى تارقاتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاستىغا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھاقارەتلەنگەن خەتلەر يېزىلغاندىن سىرت، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق «پائالىيەتلەر»نىڭ داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پېگىدا ئەزالىرى تۆت ئاي ئىلگىرى جامە سېلىش پىلانلانغان مۇشۇ جايغا چىركاۋ شەكلىدە چېدىر قۇرۇپ چېدىرنىڭ ئالدىغا تاختايدىن كرېست ياساپ ئۈستىگە چوشقا يېغى سۈركەپ قويۇشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر