تۈركىيە - ئامېرىكا سۆھبەت يىغىنى

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلدى.

926653
تۈركىيە - ئامېرىكا سۆھبەت يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى دىپلوماتلار، تۈركىيە تەرەپتىن ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەن يىغىندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د – ي پ گ نى مەنبىچتىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان « S-400 » تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە مەنبىچتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نى قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بۇ مەسىلىدە ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

سۆھبەت ئۈستىلىدىكى يەنە بىر مەسىلە « S-400 » تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىدى. تۈركىيە تەرەپ ئامېرىكا تەرەپكە تۈركىيەنىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئالدى بىلەن رۇسىيەدىن ئېلىش يولىنى تاللىمىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ تۈركىيەگە سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە تەرەپ ئەنقەرەنىڭ رۇسىيەدىن « S-400 » تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايۋاتقان ئامېرىكا تەرەپكە «ئۇنداقتا، مىللىي بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداشتا ئىشلىتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سىز ماڭا سېتىپ بېرىڭ» دېمەكتە ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ 19 – مارت كۈنىدىكى ئۇچرىشىشىغا ئاغدۇرۇلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر