«ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى <بۇرۇلۇش نۇقتىسى> بولىدۇ»

جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

926198
«ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى <بۇرۇلۇش نۇقتىسى> بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مون جائىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشنىڭ، كورېىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش نىشانىغا يېتىشتىكى «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت جەنۇبىي كورېىيە بىلەن شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىنچلىقپەرۋەر زاتلارنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ماي ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بۇ ئۇچرىشىش كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ھەمدە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش نىشانىغا يېتىشتىكى <بۇرۇلۇش نۇقتىسى> بولىدۇ.»

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ مەسلىھەتچىسى چۇڭ ئەييوڭ ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر