ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ماي ئېيىدا كۆرۈشمەكچى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئىككىسىنىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

925979
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ماي ئېيىدا كۆرۈشمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە مىللىي خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى چۇڭ يىيوڭ ئامېرىكا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئاقسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىغا ئەۋەتكەن ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن مەكتۇپ توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «پىرېزىدېنت ترامپ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشىدىن ئىبارەت مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كېچىككەندە ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

چۇڭ يەنە: «كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق يادرو ياكى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلىشتىن يىراق تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم ھەربىي مانىۋېرنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە مىللىي خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى چۇڭ يىيوڭ بۇ تەرەققىياتلار بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى ياقىلايدىغان ھەل قىلىش چارەسىنىڭ تېپىلىشى ئۈمىدىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى توغرىلىدى، بىراق كۆرۈشىدىغان جاي ۋە ۋاقتىنىڭ كېيىنچە بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ باياناتىدا: «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. شۇ ۋاقىتقىچە شىمالىي كورېيەگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بارلىق ئېمبارگولار ۋە بېسىم ئىزچىل داۋام قىىلدۇ» دېدى.

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدىكى مۇسبەت ئاتموسفېرا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا، 2018-يىللىق پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ھەيئەت ئەۋەتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە سېئۇل بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە سۆزلىشىشكە ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشلانغان ئىدى.

پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ 9-فېۋرالدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا، كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يوجوڭ قاتناشتى ۋە ئارقىدىن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مەخسۇس ھەيئەت شىمالىي كورېيەنى ئىككى كۈن زىيارەت قىلىپ، كىم جوڭئۇن بىلەن تاماق زىياپىتىدە بىرگە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر