رۇسىيە ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈشىنى قوللىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈشى ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىغا، «توغرا بېسىلغان قەدەم» دەپ باھا بەردى.

926374
رۇسىيە ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈشىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ئافرىقا زىيارىتى دائىرەسىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئېفىيوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبېبەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ترامپ-كىم جوڭئۇن كۆرۈشۈشى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «بۇ ئالدى بىلەن توغرا يۆنۈلۈشكە قاراپ بېسىلغان قەدەم، كۆرۈشۈشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شىمالىي كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئېھتىياج بار» دېدى.

ئۇ تەرەپلەر ئارىسىدا ھەسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىنى خۇشاللىق بىلەن قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى، رۇسىيەنىڭمۇ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو مەسىلىسى پەيدا قىلغان يۇقىرى بېسىملىق ئاتموسفېرانى تارقىتىش ئۈچۈن دىيالوگ ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر