بىرما ب د ت دا ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى

بىرما پىرېزىدېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ ساڭ سۇچىنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ساڭ تۇڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئېتنىك تازىلاش» ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

926053
بىرما ب د ت دا ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسلىھەتچى ساڭ تۇڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەيد ئەل ھۈسەيىننىڭ تۈنۈگۈن (8-مارت) ئېلان قىلغان 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن تارتىپ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئائىت كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى باياناتىدىن كېيىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ بىرما ھۆكۈمىتى ب د ت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئاراكان ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىش رۇخسىتى بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق مۇسۇلمانلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئېتنىك تازىلاش» ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئائىت ئېنىق دەلىللەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «پات-پات بىرمادا ئېتنىڭ تازىلاش ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز» دېدى ۋە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق سىياسىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

غالجىرلاشقان بۇددىستلار ۋە بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك تەخمىنەن 700 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ باڭلاىشتا پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەسكە سالغان مەسلىھەتچى تۇڭ، ئاراكان ئىشتاتىدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسنىڭ ھازىرمۇ ئۆز ماكانلىرىدا ياشاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ باڭلادىشقا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشىنى ئاراكان روھىنگيا ئازادلىق ئارمىيەسى (ARSA) دىن قورققانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ خەلقئارالىق قوغداش دىرېكتورى ۋولكېر تۈرك 2017-يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاراكان ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا پەقەت 150 مىڭ مۇسۇلماننىڭ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەيد ئەل ھۈسەيىن تۈنۈگۈنكى باياناتىدا: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىشخانىسى ئاراكان ئىشتاتىدا ئېتنىڭ تازىلاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. كېڭەشنىڭ بىلگىنىدەك، كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئاراكان ئىشتاتىدا 2017-يىلى ئاۋغۇستتىن تارتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكىگە ئائىت كۈچلۈك دەلىللىرى بار» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر