بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيە - ئامېرىكا سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا چاقىرىلدى

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا باشلاندى.

925973
بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيە - ئامېرىكا سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كومىتېت يىغىنىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېئىتېر نائۇئېرت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا قۇرۇلغان 3 ئايرىم كومىتېتنىڭ بىرى بولغان «سۈرىيە كومىتېتى» نىڭ مۇزاكىرىلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، مۇزاكىرىلەرنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلىشىدىغان كۆپلىگەن مەسىلىلەر بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ھېئىتېر نائۇئېرت بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئافرىن ھەرىكىتىنىڭ مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇشىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋال ھېسابلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇلار باشلانغۇچ مۇزاكىرىلەر؛ ئالدىمىزدا بىز ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن تېما بار» دېدى.

20 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكا ھەيئىتىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا – ياۋرو – ئاسىيا ئىشلىرىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ۋېسس مىتچېلنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان نائۇئېرت، بۈگۈنكى سۆھبەتلەردىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەزكۇر كومىتېتقا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سەدات ئۆنال رىياسەتچىلىك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر