ناتو رۇسىيە چېگراسىدا داغدۇغىلىق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە چېگراسىدا 45 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا داغدۇغىلىق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ.

925374
ناتو رۇسىيە چېگراسىدا داغدۇغىلىق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسى پىيادە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال روبېرت ب نېللېر ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى كۈز مەزگىلىدە، ئۆكتەبىردە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا تەڭ ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ناتو نىڭ داغدۇغىلىق ھەربىي مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.»

ئونلارچە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان مانىۋېرنىڭ نورۋېگىيە ساھىللىرىدا  ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن  نېللېر، مانىۋېر ئۆتكۈزۈلىدىغان رايون ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەستىن، رۇسىيە چېگراسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، رۇسىيە تەرەپ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئەمما بۇ مانىۋېر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يولغا قويۇۋاتقان ئىستىراتېگىيەنىڭ جىددىيلىكىنى، ناتو دىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئۇ ئىلگىرىمۇ نورۋېگىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسىملىرىنى رايوندا «ناھايىتى چوڭ ئۇرۇش» پارتلاش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر