دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك شەھەرلەر قايسى؟

مېكسىكا خەلق ئامانلىقى، خەلق كېڭىشى ۋە جىنايى ئىشلار سوت ئورگىنى 2017 – يىللىق دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك 50 شەھەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

925434
دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك شەھەرلەر قايسى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىزىملىكتە دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك 50 شەھەردىن 42 سىنىڭ لاتىن ئامېرىكادا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

لاتىن ئامېرىكادىكى خەتەرلىك شەھەرلەرنىڭ دۆلەت يويىچە تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيەنىڭ 17 شەھىرى، مېكسىكانىڭ 12 شەھىرى، ۋېنېزۇئېلانىڭ 5 شەھىرى، كولومبىيەنىڭ 3، ھوندۇراسنىڭ 2، سالۋادورنىڭ 1، پۇئېرتو رىكونىڭ 1 ۋە گىۋاتېمالانىڭ 1 شەھىرى بولۇپ، جەمئىي 42 شەھەر. 

نوپۇسى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىگە ئاساسەن تەييارلانغان تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك شەھەر دەپ قارالغان مېكسىكانىڭ لوس كابوس شەھىرىدە 2017يىلىدا ھەر 100 مىڭ كىشىدىن 112 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.

مېكسىكانىڭ ساياھەت رايونى بولۇش ئالاھدىلىكى بىلەنمۇ تونۇلغان يەنە بىر خەتەرلىك شەھىرى ئاكاپولكو بولسا، ھەر 100 مىڭ كىشىدە 106 جىنايەت كۆرۈلۈشى بىلەن، خەتەرلىك شەھەرلەر تىزىملىكىدە دۇنيا بويىچە 3ئورۇنغا ئۆتتى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاس دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك شەھەرلەر تىزىملىكىدە 2- ئورونغا ئۆتتى. بۇ شەھەردە ھەر 100 مىڭ كىشىدىن 112 كىشى جىنايەت قۇربانى بولماقتا.

بىرازىلىيەدە ئەڭ كۆپ جىنايەت يۈز بېرىدىغان شەھەر نەتال بولۇپ، بۇ شەھەردە ھەر 100 مىڭ كىشىدىن 112 سى ئۆلتۈرۈلمەكتە. بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزا شەھىرىمۇ ئالدىنقى بىر يىلدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %50 ئاشقان خەتەرلىك شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدۇ.

دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك ئالدىنقى 10 شەھەرنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

لوس كابوس (مېكسىكا)، كاراكاس (ۋېنېزۇئېلا)، ئاكاپولكو (مېكسىكا)، ناتال (بىرازىلىيە)، لاپاز (مېكسىكا)، فورتالېزا (بىرازىلىيە)، ۋىكتورىيە (مېكسىكا)، گۇيانا (ۋېنېزۇئېلا) ۋە بەلېم (بىرازىلىيە) 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر