رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا تاراتقۇ كىرىزىسى كېلىپ چىقتى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيەدىكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە قانىلى تاقىۋېتىلسە رۇسىيەدىكى ئەنگلىيەگە تەۋە تاراتقۇ ئورۇنلىرىنىڭمۇ خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

929132
رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا تاراتقۇ كىرىزىسى كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دائىرلىرى ئەنگلىيەدىكى «بۈگۈنكى رۇسىيە»تېلېۋىزىيە قانىلى تاقىۋېتىلگەن تەقدىردە، رۇسىيەدىكى ئەنگلىيەگە تەۋە تاراتقۇ ئورۇنلىرىنىڭمۇ خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا «رۇسىيە 1»ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «60 مىنۇت»ناملىق پىروگراممىسىغا قاتناشتى. باياناتچى پىروگراممىدا مۇنداق دېدى: «شۇنى كېسىپ دەيمەنكى، ناۋادا بۈگۈنكى رۇسىيە ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنى تاقىۋېتىلگەن تەقدىردە، رۇسىيەدىكى ئەنگلىيەگە تەۋە تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ بىرسىمۇ خىزمەت قىلالمايدۇ.»

 ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بىر نەچچە پارلامېنت ئەزاسى ئەنگلىيەدىكى «بۈگۈنكى رۇسىيە»ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قانۇنلۇق رۇخسىتىنى بىكار قىلىۋېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ تەلىپىگە بىۋاستە جاۋاب قايتۇرمىسىمۇ، رۇسىيەگە قارىتىلىدىغان ئېمبارگو مەسىلىسىنى بۈگۈنكى پارلامېنت يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر