ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە توپلىنىدۇ

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سۈرىيەدە «يولغا قويغىلى بولمىغان» ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن (7-مارت) توپلىنىدۇ.

924308
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تەلىپى بىلەن توپلىنىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا، سۈرىيەدە 30 كۈن ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئەنگلىيە دىپلوماتى ستېفىن خىكى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2401-نومۇرلۇق قارارىنى ئىجرا قىلىشنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقى» ۋە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دەرھال يىغىن چاقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 24-فېۋرال سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، بولۇپمۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتەدىكى ئېغىر كېسەللەر ۋە يارىدارلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش قارارى چىقىرىپ، كېچىكمەستىن ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق تەرەپلەر بۇ قارارنى ھازىرغىچە ئىجرا قىلمىدى.

رۇسىيە بولسا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدىن كېيىن 27-فېۋرال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن چۈشتىن كېيىن 14:00 كىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 18:00-13:00) كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتەدىكى 400 مىڭ كىشى بەش يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا ياشىماقتا.

شەرقىي غۇتە ئاستانا كېلىشىمىدە «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» قىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2017-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ قورشاۋنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، يېقىنقى ئايلاردىكى ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ شىددەتلەندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر