بىرازىلىيەدىكى بىر ئايرودۇرۇمدىن 5 مىليون دوللار نەق پۇل بولاپ كېتىلدى
بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو شەھىرىدىكى ۋىركوپوس ئايرودۇرۇمىدىن شىۋېيتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇش ئالدىدىكى يۈك ئايروپىلانىغا بېسىلغان 5 مىليون دوللار پۇل قوراللىق بولاڭچىلار تەرىپىدىن بولاپ كېتىلدى.
923868
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى ساقچى ئىدارىسى، كەم دېگەندىمۇ 5 نەپەر قوراللىق بولاڭچىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئوخشايدىغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن ئايرودۇرۇمغا كىرىپ، ئايروپىلانغا مال يۈكلىنىۋاتقان ئەسنادا خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ، شىۋېيتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىگە ئەۋەتىلىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا سېلىنغان 5 مىليون دوللارنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ۋىركوپوس ئايرودۇرۇمى ئەمەلدارلىرى، بۇلاڭچىلىق ئەسناسىدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.