ترامپ بىلەن مېي شەرقىي غۇتە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي تېلېفوندا كۆرۈشتى.

922914
ترامپ بىلەن مېي شەرقىي غۇتە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ئىشخانىسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن تىرىېسا مېينىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن مېينىڭ 4-مارت تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شەرقىي غۇتەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ۋەزىيەتنىڭ «ئىنسانىي بالايى-ئاپەت» كە يەتكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇنى قوللاۋاتقان رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ترامپ بىلەن تىرېسا مېي رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن تەسىرى بار باشقا ئاكتىيورلارنىڭ، شەرقىي غۇتەگە قىلىنىۋاتقان شىددەتلىك ھۇجۇملارنى توختىتىش ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلغان.

باش ۋەزىر تىرېسا مېي پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قويماقچى بولغان تاموژنا بېجى توغرىسىدا ئەنگلىيەنىڭ قايغۇلىرىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مەزكۇر ساھەدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلار ۋە كېڭەشلەر بىلەن ھەل قىلىشنىڭ، ھەممە تەرەپكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر