ماكرون رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

923023
ماكرون رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېليېسى سارىيى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، «پىرېزىدېنت ماكرون مەنسەپدېشىنى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە شەرقىي غۇتەدىكى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان خەلقكە ھۇجۇم قىلىشقا خاتىمە بېرىش، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ۋە تارقاقلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېگىشلىك دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2401 – نومۇرلۇق ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئىراننىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ب د ت  بىلەن ئەمەلىي مەيداندا كونكرېت ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىنسانىي ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى؛ بۇنىڭ فىرانسىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ئىش ئىكەنلىكى، ماكروننىڭ رۇھانى بىلەن بۇ ھەپتە ئىچىدە بۇ توغرىدا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر