فىرانسىيە: ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ئەندىشە مەنبەسى

فىرانسىيە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنىڭ فىرانسىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئەندىشە مەنبەسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

922809
فىرانسىيە: ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ئەندىشە مەنبەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ يادرو كېلىشىمىگە داۋاملىق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ كېلىشىم توغرىسىدا زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئىزچىل ئادا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى فىرانسىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئەندىشە مەنبەسىدۇر. دەرۋەقە، بۇ پىروگرامما ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق قارارىغا ئۇيغۇن ئەمەس ھەم رايوندا مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ئامىلدۇر.»

ئۇ يەنە، ئىراندىن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ئىجابىي ھەسسە قوشۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشىدىغان لې درىئاننىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا، سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە، يەمەن، لىۋىيە ۋە ئىراق قاتارلىق ئىران داخىل بولۇۋاتقان رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر