شۋېتسىيەدە 12 كىچىك بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
شۋېتسىيەدە 2017 – يىلىدا پاناھلانغۇچى 12 كىچىك بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدىكى كارولىنسكا ئىنسىتېتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2017 – يىلى ئىگە - چاقىسىز پاناھلانغۇچى 12 كىچىك بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
دوكلاتتا بۇ بالىلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئافغانىستانلىق ئىكەنلىكى ۋە پاناھلىق تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشلىرىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن رۇھىي كېسەللىكلەر ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مۇتەخەسسىسى ئېللېنور مىتتېندورفېر رۇتز، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىچىك بالىلارنىڭ ئۆتمۈشتە چوڭ پاچىئەلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، كۆچۈش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن قېيىن - قىستاق ۋە زوراۋانلىقلارغا دۈچار بولغانلىقىلىرىنى ئېيتتى.
بالىلار ۋە ياشلار پىسخىئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان پاناھلانغۇچى كىچىك بالىلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالغا تولۇق ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى، ئەسلىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
كۆچمەنلەر ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2015 – يىلى شۋېتسىيەگە 35 مىڭ 360 ئىگە – چاقىسىز كىچىك بالا كەلگەن بولۇپ، بۇ سان، 2016 – يىلى 2199 كىچىك بالىغا ۋە 2017 – يىلى 1334 كىچىك بالىغا تۆۋەنلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيەنى ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنانى ئافرىقادىن كەلگەن ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى.