ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئافرىقىدا زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

921369
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئافرىقىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىللېرسون 6 – 13 – مارت كۈنلىرى چاد، جىبۇتى، ئېپىيوپىيە، كېنىيە ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىكەن.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تىللېرسوننىڭ زىيارىتى جەريانىدا  ھەر بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تىللېرسون مەركىزى ئەددىس – ئېبېيبەدىكى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇچرىشىشتا، ئافرىقىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش، ياخشى رەھبەرلىك، ئۆزئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر