«تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نارىسىدە بالىلارنى قەتل قىلماقتا

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د – ي پ گ، پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى نارىسىدە بالىلارنى قەتل قىلماقتا.

920923
«تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نارىسىدە بالىلارنى قەتل قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلار پۇقرالارنى جانلىق قالقان قىلىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىگە ياردەم بەرمىگەنلەرنى ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلماقتا. بۇ ئەھۋال ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ 25 بەتلىك دوكلاتىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىنمۇ ئېنىقلاپ چىقىلغان دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تازىلانغان بىر مەركەز، 75 يېزا، 6 ئولتۇراق مەھەللىسى قاتارلىق جايلاردا تېررورچىلار 7 – 13 ياش ئارىلىقىدىكى 21 بالىنى قەتل قىلغان.  ئۆزلىرىنى ياردەم بەرمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ئايللار ۋە ياشانغانلاردىن تەشكىل تاپقان 417 پۇقرانى ئۆلتۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر