ئامېرىكىدىكى بىر ھەربىي بازىسىغا زەھەرلىك كونۋېرت يوللاندى

ئامېرىكىدىكى بىر ھەربىي بازىسىغا يوللانغان زەھەرلىك كونۋېرت 11 كىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

920142
ئامېرىكىدىكى بىر ھەربىي بازىسىغا زەھەرلىك كونۋېرت يوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنا ئىشتاتىدىكى «Fort Myer-Henderson» ئورتاق ھەربىي بازىسىغا يوللانغان ۋە ئىچىدە نامەلۇم بىر ماددە بولغان كونۋېرت ئېچىلىشى بىلەن تەڭ 11 كىشى ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى. 

بۇ ۋەقەدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر قوماندانلىقى بىلەن ئارلىڭتون ناھىيەلىك ئوت ئۇچۇرۇش ئەترىپىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىندى.

دېڭىز ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر قوماندانلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «Fort Myer-Henderson» ئورتاق ھەربىي بازىسىغا يوللانغان ۋە ئىچىدە نامەلۇم بىر ماددە بولغان كونۋېرتنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقى ۋە ئېچىلىشى بىلەن تەسىرىگە ئۇچرىغان بىنادىن خادىملارنىڭ تەدبىر ئۈچۈن دەرھال باشقا جايغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار زىيانلىق ماددىلارنى تەكشۈرۈش بۆلىمىگە ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» غا ئەھۋالنى بىلدۈرگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان دېڭىز ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن داۋالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئارلىڭتون ناھىيەسى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، بىنادا كونۋېرت ئېچىلىشى بىلەن تەڭ 11 كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن 3 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

كېيىنچە ئېلان قىلغان يەنە بىر باياناتتا بولسا، «بالنېستقا ئېلىنغان 3 ئەسكەرنىڭ ئەھۋالى ھازىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر، قوماندانلىق ۋەقەدىن كېيىن بەزى ئەترەتلەرنى قايتىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر