رۇسىيە ب د ت نىڭ ئىران توغرىسىدىكى قارارىنى رەت قىلدى

رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىراننىڭ يەمەنگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چىقارغان ئەيىبلەش قارارىنى رەت قىلدى.

919079
رۇسىيە ب د ت نىڭ ئىران توغرىسىدىكى قارارىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىراننىڭ يەمەنگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال-ياراغ ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى.

ئەنگلىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان قارارغا، رۇسىيەدىن باشقا ۋاقىتلىق ئەزا دۆلەتلەردىن بولىۋىيەمۇ رەت ئاۋازى تاشلىدى، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. قارار 11 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلىنمىدى.

ئەنگلىيە تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئامېرىكانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن دەسلەپكى لايىھە، يەمەندە ھۇسىيلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ، ب د ت نىڭ ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلغان ئىراننى ئەيىبلەش تەلەپ قىلاتتى. بىراق، رۇسىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، لايىھەدىن «ئەيىبلەش» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى. ئاۋازغا قويۇشتا بولسا، ئىراننىڭ يەمەنگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال-ياراغ ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلى نەبەنزىيا ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان، «توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان، رايوندا يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك» ئىبارىلەر بار لايىھەنى، قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككىي ھالېي باياناتىدا، «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە ياۋايى بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلغان» رۇسىيەنىڭ، ئەمدىلىكتە يەمەنگە يۈرگۈزۈلگەن قورال ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلغان ئىرانغا تەدبىر ئېلىشنىڭ ئالدىنى توسقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيە ئىراننىڭ خەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلانسا، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيە ئالدىنى توسىيالمايدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ» دېدى.

رۇسىيە ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خەۋپسىزلىك كېڭەشكە ئۆزىنىڭ لايىھەسىنى سۇندى.

رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما يەمەندە ھۇسىي رەھبەرلەرگە قارشى ئىجرا قىلىنغان قورال-ياراغ ئېمبارگوسى، ئېمبارگولارنى تەكشۈرۈش ۋە دوكلات سۇنۇشقا مەسئۇل ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2019-يىل 26-فېۋرالغىچە ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان قارارى قوبۇل قىلىندى.

ب د ت ئېمبارگو كومىتېتى ئاخىرقى دوكلاتىدا، ئىراننىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قورال-ياراغ ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى قاتارلىق ئىران قوراللىرىنىڭ يەمەندىكى ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر