نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاياللار باڭلادېشتا ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلدى

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەۋەككۈل قارمان، شىرىن ئىبادى ۋە مايرېد ماگۇرى قاتارلىق ئاياللار باڭلادېشتا ئاراكان مۇسۇلمانلىرى تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلدى.

919067
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاياللار باڭلادېشتا ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەۋەككۈل قارمان لاگېرلاردا ئاراكانلىق ئونلىغان مۇسۇلمان ئايال بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئارىسىدا، كوللىكتىپ قەتلىئام قىلىش، كوللىكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىش، ئىنسانلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش، ئۆيلىرىنى، ئېتىزلىرىنى ۋە مال مۈلكىنى مەجبۇر تارتىۋېلىش، كىىشلەرنى كوللىكتىپ ھالدا يۈرت ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرمۇ بار» دېدى.

تەۋەككۈل قارمان لاگېرلاردا كۆرۈشكەن ئاياللاردىن بىرسىنىڭ كىچىك ئوغلىنى بوغۇزلاپ جەسىتىنى دەرياغا تاشلىغانلىقلىرىنى، ھەتتا ئەشۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئانىسىغا مەجبۇر كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىرما ئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك بالىلارغا ئاتا ئانالىرىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا تاجاۋۇزچىلىق قىلغانلىقلىرىنى ئاڭلاتقان نۇرغۇنلىغان ئانىلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، لاگېرلاردا بولسا، ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىدىنمۇ مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى بىرماغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. 

كوكىس بازار رايونىدىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلغان نوبىل مۇكاپاتلىق شىرىن ئىبادى ۋە مايرېد ماگۇرىمۇ ئاخباراتچىلارغا بايانات بەردى.

ماگۇرى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ تۇل قالغان ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىرما ئەسكەرلىرى بوۋاقلارنى ئاياللارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۆلتۈرۈشكەن بولۇپ، بۇ بىرما ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتايىن ئوچۇق ۋە ئېغىر قەتلىئامدۇر» دېدى.

ئىرانلىق ئادۋوۇكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شىرىن ئىبادىمۇ باڭلادېش ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە پاناھلانغۇچىلارغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى.

شىرىن ئىبادى «بىراق ھەر كۈنى دېگۈدەك باڭلادېشقا كېلىۋاتقان پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى ئاشماقتا. بۇنى توختىتىپ قىلىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ» دېدى.

تەۋەككۈل قارمان، شىرىن ئىبادى ۋە مايرېد ماگۇرى تۈنۈگۈن كۇتۇپالوڭ پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن بالۇخالى ۋە تاڭگخالى لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر