ئامېرىكا ب د ت نىڭ ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەدە بىر ئايلىق «ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش» نى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

917579
ئامېرىكا ب د ت نىڭ ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە بىلەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فېۋرال ئېيى مۇۋەققەت باشلىقى كۇۋەيت تەرىپىدىن تەييارلانغان قارار لايىھەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، سۈرىيەگە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش، شۇنداقلا ھاكىمىيەتنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەدىكى ئەھۋالى ئېغىر بىمار ۋە يارىدارلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كەم دېگەندە بىر ئاي ئۇرۇش توختىتىلىدۇ.

قاراردا، سۈرىيە مىقياسىدا ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ «بىخەتەر، توسالغۇسىز ۋە ئىزچىل» تارقىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە «ئەھۋالى ئېغىر كېسەل ۋە يارىدارلار» نى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق تەرەپلەردىن «كېچىكمەستىن» توقۇنۇشلارنى كەم دېگەندە 30 كۈن توختىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

قاراردا يەنە، بولۇپمۇ ھاكىمىيەتنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدا ئىنسانىي ۋەزىيەت ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن شەرقىي غۇتە، يەرمۇك، فۇئا ۋە كەفرەيادىكى مۇھاسىرىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى. قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيەدە دائېش، ئەلقائىدە، نۇسرە فىرونتى ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، شۇنداقلا بۇلار بىلەن چېتىشلىقى بار شەخس ۋە گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەش داۋاملىشىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي بېلەت تاشلاشتىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «دۆلەتنىڭ بارلىق جايلىرىدا دەرھال» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىشى ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كىرىشىگە بالدۇرراق رۇخسەت قىلىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلغان نىككى ھېلېي، «بۇ كىرىزىسقا مۇداخىلە قىلىشتا بەكلا كېچىكىپ كەتتۇق» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلي نېبېنزىئا بولسا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «دەرھال» ئىجرا قىلىنىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، بىراق، بۇنىڭ «ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق» دەپ قارىغانلىقلىرى ئۈچۈن، قارار ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشكە ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان قارارنىڭ «سۇبيېكتىپ ئانالىز قىلىنىشى» غا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر