ترامپ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىندى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رۇسىيە تەكشۈرۈشى توغرىسىدا يېزىلغان مەخپىي ھۆججەتنىڭ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتى، فېۋرال ئېيىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە ئاقساراينىڭ «ھۆججەتنىڭ تەييار بولمىغانلىقى» توغرىسىدىكى ئېتىرازىغا ئاساسەن، نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن ھۆججەتلەرنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشقا بولىدىغانلىقىغا قارار قىلدى.
جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ «ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ترامپ دېلوسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزلىرىگە بېرىلگەن سالاھىيەت دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ يېزىپ چىققان يازمىغا قارشى دېموكراتچى قانات تەييارلاپ چىققان ھۆججەت، «دۆلەت بىخەتەرلىكى خەۋپى» بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئاقساراينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانىدى.
ئاقساراي مەسلىھەتچىسى دون مەكگان كومىتېتقا مەكتۇپ يوللاپ، دېموكراتچى قانات قەلەمگە ئالغان مەخپىي ھۆججەتنىڭ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاشقا تەييار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «پىرېزىدېنت ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قوللايدۇ، بىراق كۆپ ساندا ئەندىشىسى بار. بۇلارنىڭ ئاساسلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن چېتىشلىقتۇر» دېگەنىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ھۆججەتتە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ترامپنىڭ سابىق تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى كارتېر پېيج ئۈستىدىن جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىشىغا دائىر مۇساپىنى خاتا باشقۇرۇش ۋە سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.