ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدە بىر ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش قارارى ماقۇللىدى

ھەممىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغان قاراردا بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر ئاي ئۇرۇش توختىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

917519
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدە بىر ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش قارارى ماقۇللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدە بىر ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش قارارى ماقۇللىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فېۋرال ئېيى نۆۋەتچى رەئىسى كۇۋەيت ۋە شىۋېيىتسارىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان قارار تەكلىپى كېڭەشنىڭ ئاۋازىغا قويۇلدى.

ھەممىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزىلىشى، بولۇپمۇ ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان شەرقىي غۇتەدىكى ئەھۋالى ئېغىر كېسەللەرنىڭ ۋە يارىدارلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر ئايغىچە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش قارارى ماقۇللاندى.

قاراردا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ بىخەتەر، توسالغۇسىز ھالدا داۋاملىشىشى، يەتكۈزۈلىشى ۋە ئەھۋالى ئېغىر كېسەللەر بىلەن يارىدارلارنىڭ خاتىرىجەم يۆتكىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن سۈرىيە مىقياسىدا بارلىق تەرەپلەردىن دەرھال كېچىكتۈرمەستىن، تۇقۇنۇشلارنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر ئايغىچە توختۇتۇپ تۇرىشى تەلەپ قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر