ئامېرىكانىڭ ي پ گ نى تەربىيەلەۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلار ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا مەنبىچتە تەلىم-تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلار ئاشكارىلاندى.

916561
ئامېرىكانىڭ ي پ گ نى تەربىيەلەۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلار ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمىنىڭ تەلىم-تەربىيە بېرىۋاتقان فوتوگرافلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى.

بىرلەشمە قىسىمنىڭ ياردىمىدە ھەربىي تەلىم-تەربىيەدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئونلارچە تېررورىست تارتىلغان فوتوگرافلاردا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ ئاتالمىش بايرىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.

ئامېرىكا يەتتە يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ي پ گ تېررورىستلىرى 2016-يىلى دائېش قوغلاپ چىقىرىلغان مەنبىچكە ئورۇنلاشتى. ئامېرىكا بىر قانچە قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئەنقەرە زىيارىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگتون بىرلىكتە قۇرىدىغان ھەمكارلىق مېخانىزمىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە، مەنبىچنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر