شىمالىي كورېيە ب د ت باش كاتىپىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ ئېمبارگولارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

916759
شىمالىي كورېيە ب د ت باش كاتىپىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە  دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن دۆلىتىگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « ئانتونيو گۇتېررېس ئامېرىكىنىڭ «سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان چاپارمەندۇر.»

يادرو مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «دۈشمەنلەرچە سىياسىتى»دىن پەيدا بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، گۇتېررېسنىڭ سۆزلىرىگە مۇنداق جاۋاب بېرىلدى: «بىتەرەپ بولمىغان، پەرۋاسىزچە ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشقا تايانغان يامان نىيەتلىك قىلمىشتۇر.»

گۇتېررېسنىڭ «ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامېرىكىغا گەپ قىلالمايدىغانلىقى»ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىدىن «ئۇخلاۋېتىپ ماڭغۇچىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقارغان ئامېرىكىنىڭ يادرو تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش»تەلەپ قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتە  مىيونخىندا ئۆتكۈزۈلگەن 54-نۆۋەتلىك خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆز قىلغان گۇتېررېس، شىمالىي كورېيەگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ «ئاداققىچە داۋاملىشىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى»بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر