ئەھمەدى نېجاد خامەنېيغا مەكتۇپ يوللاپ، سايلام مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نىجاد، دۆلىتىنىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېيگە مەكتۇپ يوللاپ، سايلاملارنىڭ «ئەركىن مۇھىت ئىچىدە» ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنتقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان «دۆلىتى باھار» ناملىق ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان مەكتۇپتا، ئەھمەدى نېجاد خامەنېيدىن پىرېزىدېنتلىق، پارلامېنت ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەھمەدى نېجاد مەكتۇپىدا، ئەدلىيە ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۆتكەن يىللاردا تەنقىد قىلغانلىقى ۋە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، تۇرغۇزۇلغان بارلىق دېلولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەكتۇپىدا، خامەنېينىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىشارەت قىلغان ئەھمەدى نېجاد، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ سايلىمىنى «ئەركىن» ئۆتكۈزەلىشىنىڭ «بىر تەخىرسىزلىك» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېينىڭ «ئەدلىيە مەسىلىسىدە ئارقىدا قالدۇق» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختالغان ئەھمەدى نېجاد، ئەدلىيە ئەركىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ «زۆرۈرىيەت» كە ئايلانغانلىقىنى، بۇ يولدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ «ئىزىلگۈچىلەرنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغان ئېتىبارىنى قايتۇرۇپ بېرىش» ۋە «سىياسىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش» قا زېمىن ھازىرلايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا كۇبا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بۇركىنا فاسودا فرانسىيە ژورنىلىنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلدى
بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنىڭ «Jeune Afrique» ژۇرنىلىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.