ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

ئافغانىستاندا تالىبان مەنسۇپلىرىنىڭ ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 8 ساقچى ئۆلدى.

914438
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاراھ ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى مۇھەممەد ناسىر مەھرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن بالابۇلاق ناھىيەسىگە يېتيىپ بارغان زاپاس قىسىملار بىلەن تالىبان ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا 13 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 20 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇمدا 26 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 3 ساقچىخانىنىڭ كونتروللۇقىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نانگارخان ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوڭيانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جالالئابادنىڭ مەركىزىدىكى بىر رېستوراننىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى قەبىلەر رەئىسلىرىدىن بىرىنىڭ ئشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2 پۇقرا يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر