ئامېرىكىدا خىتاي ھەيكلىنىڭ باش بارمىقى ئوغرىلاندى

ئامېرىكىنىڭ فىلالدىپىيادىكى ئىشتاتىدا خىتاي ھەيكەللىرى كۆرگەزمىگە قويۇلىۋاتقاندا بىر ھەيكەلنىڭ باش بارمىقى ئوغرىلاندى.

913439
ئامېرىكىدا خىتاي ھەيكلىنىڭ باش بارمىقى ئوغرىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا خىتايغا تەۋە 2000 يىللىق تېرراكوتتا جەڭچىسى ھەيكەللىرى كۆرگەزمىگە قويۇلىۋاتقاندا بىر ئادەم ئۆز تارتىم ئەسناسىدا بىر ھەيكەلنىڭ باش بارمىقىنى ئوغرىلىۋالدى.

4 مىليون 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ھەيكەل فىلالدىپىيادىكى فىراكلىن ئىنىستېتۇتىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان 10 تېرراكوتتا ھەيكەلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 24 ياشلىق مايكېل روھانا ئۆتكەن ھەپتىكى كۆزگەزمىدە دەسلەپ بىر ھەيكەل بىلەن ئۆز تارتىم چەككەن، ئارقىدىن بۇ ھەيكەلنىڭ باش بارمىقىنى ئۈزۈۋېلىپ يانچۇقىغا سالغان.

مۇزېي خادىملىرى ھەيكەلنىڭ باش بارمىقىنىڭ يوقلىقىنى نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بايقىغان.

ئامېرىكا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان روھانا كېپىللىك بىلەن قويۇپ بېرىلدى.

شەنشى ئۆلكىسىدىكى ھەيكەللەرنى چەت ئەلدە كۆرگەزمە قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل شەنشى مەدەنىي مىراسلارنى تونۇشتۇرۇش مەركىزى مۇدىرى ۋۇ خەييۇن فىراكلىن ئىنىستېتۇتىنى پەرۋاسىزلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

تېراكوتتا جەڭچىلىرى خىتاي دۆلىتىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئارخىئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار ھېسابلىنىدۇ.

تېراكوتتا قوشۇنى ھەققىي ئىنسان شەكلىدىكى قوراللىق ئەسكەر ھەيكەللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ھەيكەللەر 1974-يىلى شىئەن دېھقانلىرى تەرىپىدىن بايقالغانىدى.

2012-يىلى ئېلىپ بېرىلغان قېزىلما خىزمەتلىرىدە يېڭى ھەيكەللەر تېپىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر