ئەنگلىيە بۈگۈن پ ك ك / پ ي د سېپىدە ئۇرۇش قىلغان بىر كىشىنى سوتلايدۇ

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك / ي پ گ - پ ي د غا قېتىلغان ئەنگلىيە پۇقراسى ئايدان جېيمېس، دۆلىتىدە تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدۇ.

912372
ئەنگلىيە بۈگۈن پ ك ك / پ ي د سېپىدە ئۇرۇش قىلغان بىر كىشىنى سوتلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 14 – فېۋرالدا سۈرىيەدىن ئەنگلىيەگە قايتىشىدا لىۋېرپۇل ئايرودۇرۇمىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان جېيمېس، بۈگۈن لوندوندىكى ۋېستمىنستېر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ. ئەنگلىيە ساقچىلىرى، 27 ياشلىق جېيمېسنىڭ «تېررورلۇق ۋەقەسى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىش» ۋە «تېررورلۇق تەربىيەسى بېرىلىدىغان جايلاردا تۇرۇش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جېيمېس، ئەنگلىيەدىن بېرىپ پ ك ك / ك ج ك / ي پ گ - پ ي د گە قېتىلغاندىن كېيىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنى دائىرىسىدە سوتلىنىدىغان ئىككىنچى كىشى بولدى؛ دائېشقا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، پ ك ك / ك ج ك / ي پ گ - پ ي د سەپلىرىگە قېتىلغان ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئارىسىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۇنجى بولۇپ سوتلانغان تۇنجى كىشى كونا ئەسكەر جىم ماتتېۋس بولدى. ئالدىنقى كۈنىدىكى سوت جەريانىدا پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغان ماتتېۋسقا 1 - مارتتىكى ئىككىنچى قېتىملىق سوتقىچە ھەر كېچىسى ئۆز ئۆيىدە ئۇخلىشىنى شەرت قىلدى.

ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان سۈرىيەدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارغا قېتىلغانلارنىڭ دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنى دائىرىسىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.

ئەنگلىيەدە 2001 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن پ ك ك نىڭ باشقا ناملىرى ئارىسىغا پ ي د / ي پ گ نىڭمۇ كىرگۈزۈلۈشى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنى دائىرىسىدە بۇ نام ئاستىدىكى پائالىيەتلەرنىڭمۇ سوتلىنىشى تەۋسىيە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر