لاۋروۋ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ تۇترۇقسىز ئىكەنلىىكنى ئېيتتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكتىن خالىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

912315
لاۋروۋ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ تۇترۇقسىز ئىكەنلىىكنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىگە باشتىن تارتىپلا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ نى شېرىك قىلغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 54 – نۆۋەتلىك خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان لاۋروۋ، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2 – 3 يىلدىن بۇيان سۈرىيەدە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىچىگە پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ نىمۇ قوشۇپ، تۈركىيەنىڭ راھەتسىزلىكىنى، ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرگېي لاۋروۋ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بەزى گۇرۇپپىلارنى بىر قاتار دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلىنغان پ ك ك بىلەن چېتىشلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

بۇ ئەھۋالنىڭ مەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ، تۈركىيەنىڭ قانچە قېتىملىق سۈرىيە چېگراسىدىكى رايونىنىڭ پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ نىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى، بىراق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى كۆرمەسكە سېلىپ، تېررورچىلارغا زور مىقداردا قورال ياردىمى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە يىراقنى كۆرەرلىكتىن يىراق، تار دۇنيا قاراش، بەلكى يامان نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ دىن تەشكىل تاپقان 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئارقىدىن بىمەنىلەرچە بۇ باياناتلىرىنى رەت قىلغانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن رۇس مىنىستىر، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ مەزكۇر نىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ۋە ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر